تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 40 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىر ۋە مۇغلا دېڭىز تەۋەلىكلىرىدىن گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 40 نەپەر پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇلۇپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقىلدى.

1621698
تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 40 پاناھلانغۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەگە دېڭىزىنىڭ ئايۋالىق تەۋەلىكىدىكى بىر كامېر كېمىدە پاناھلانغۇچىلارنىڭ بارلىقى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 34 پاناھلانغۇچىنى قۇتقۇزۇپ، جۇندا ئارىلىدىكى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىق مەركىزىگە ئېلىپ باردى.

بۇ جەرياندا دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى بىر قولۋاقتا تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە تەرەپكە قايتىشقا مەجبۇرلانغان ئالتە كىشىنى قۇتقۇزۇپ ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر