تۈركىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە، سۈرىيەدىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

1620809
تۈركىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى تەكشۈرۈش ۋە بايقاش گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا ئالاقىدار 12 – ئاپرېل ئېلان قىلغان ئىككىنچى دوكلاتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، دوكلاتنىڭ، 2018 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەراقىبتا يۈز بەرگەن خلور گازى ھۇجۇمىنى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى دەلىللىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغاندىن كېيىن: «تەكشۈرۈش ۋە بايقاش گۇرۇپپىسى ھاكىمىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىملىق خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنىڭ، خىمىيەلىك قوراللار ئەھدىنامىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، خەلقئارا قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغان بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ جازاسىز قالماسلىقى توغرىسىدىكى چاقىرىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيمىز. تۈركىيە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ سۈرىيەدىكى قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى داۋاملىق قوللايدۇ.»

خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سەراقىبتىكى ھۇجۇمدا كەم دېگەندە بىر سىلىندىر بومبىسى ئىشلەتكەنلىكى ۋە بومبا قويۇپ بەرگەن سارىن گازىنىڭ كەڭ رايونغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر