چاۋۇشئوغلۇ: رۇسىيەنىڭ تۈركىيە قارارى سىياسىي ئەمەس

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە چەكلىمە قويۇش قارارىنىڭ سىياسىي ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

1620822
چاۋۇشئوغلۇ: رۇسىيەنىڭ تۈركىيە قارارى سىياسىي ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ،  مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا بەرگەن باياناتىدا، ئەنقەرە – موسكۋا لىنىيەسىدە مۇزاكىرىلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە چەكلىمە قويۇش قارارىنىڭ سىياسىي ئەمەس، ئەكسىچە تامامەن ساغلاملىق تۈپەيلى چىقىرىلغان بىر قارار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە بىلەن ئالدىنقى يىلى ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەمكارلىقنى رۇسىيە بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى موسكۋاغا بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ دائىرىدە رۇسىيەدىن بىر ھەيئەتنىڭ ساغلاملىق تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر