ئاقار لىۋىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن كۆرۈشتى.

1620159
ئاقار لىۋىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىنىستىر ئاقار، تۈنۈگۈن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، تۈركىيە ۋە لىۋىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن  لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن كۆرۈشكەن.

لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، مىنىستىر ئاقار، تۈركىيەنىڭ، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلغان، ۋەزىيىتى مۇقىم، ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشايدىغان بىر لىۋىيەنىڭ شەكىللىنىشىگە ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەلىك قېرىنداشلىرىغا بەرگەن ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى ياردەملىرىنى مائارىپ ۋە مەسلىھەت ساھەلىرىدىمۇ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن، ۋەزىيىتى مۇقىم، مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بىر لىۋىيە پىلانىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر