چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە ۋە مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا لىۋىيە ۋە مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1620046
چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە ۋە مالتا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نەجلا ئەلمەنگۇش ۋە مالتا دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېۋارىست بارتولو بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ تارىخىي دەۋردە لىۋىيەدە تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىنى ئىزچىل قوللايمىز، تەرتىپسىز كۆچمەنلىك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقدېڭىزدا ھۇزۇر ۋە ئامانلىقنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك بولۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىقىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر