ئەمىنە ئەردوغان ئۇممان سۇلتانىنىڭ رەپىقىسىگە مەكتۇپ ئەۋەتتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ئۇممان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىقنىڭ رەپىقىسىگە مەكتۇپ ئەۋەتتى.

1619337
ئەمىنە ئەردوغان ئۇممان سۇلتانىنىڭ رەپىقىسىگە مەكتۇپ ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ مۇسقاتتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئايشە سۆزەن ئۇسلۇئەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ مەكتۇبىنى، ئۇممان سۇلتانى ھەيسەم بىن تارىق بىن تەيمۇر ئالسەئىدنىڭ رەپىقىسى سەييىدە ئەخەد بىنت ئابدۇللاھ بىن ھامېد ئالبۇسەئىدەگە تەقدىم قىلدى.

باش ئەلچى ئايشە سۆزەن ئۇسلۇئەر تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ھۆرمەتلىك ئەمىنە ئەردوغاننىڭ مەكتۇبىنى ئۇممان سۇلتانىنىڭ رەپىقىسى سەييىدە ئەخەد بىنت ئابدۇللاھ بىن ھامېد ئالبۇسەئىدەگە تەقدىم قىلىش ۋەسىلىسى بىلەن، بىر ئۇچرىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلدىم» دېدى.

مەكتۇپ تەقدىم قىلىنغان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىدا، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ئۆزئارا ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر مەكتۇپ ئۇممان تاراتقۇلىرىدىن كەڭ ئورۇن ئالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر