چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھانىف ئارتمار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1619507
چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 11-ئاپرېل) ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، «ئىستانبۇل كونفېرانسى» غا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

تۈركىيە، ئافغانىستاندا تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە قاتار بىلەن ماس قەدەمدە ئافغانىستاندىكى تەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىستانبۇلدىكى يىغىن ئۈچۈن ئىشتىراكچى دۆلەتلەر، ۋەكىللەرنىڭ سەۋىيەلىرى ۋە ئىشتىراكچى تەرتىپى ھەققىدە خىزمەت ئىشلىمەكتە، ھەمدە ئىشتىراك مەسىلىلىرى توغرۇلۇق مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن قويۇق كېڭەش ئېلىپ بارماقتا.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستان ۋە قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىدىن سىرت يەنە، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشمەكتە.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، ئافغانىستاندىكى تەرەپلەر بىلەن مۇزاكىرىلەرنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭمۇ ئىشەنچىسىگە ساھىب بولۇشىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر