تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى پفىزېر شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى ھەسەن مۇرات مەرجان، نىيۇ يوركتا  ئامېرىكا دورىگەرلىك شىركىتى پفىزېرنىڭ رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوكتور ئالبېرت بورلا بىلەن كۆرۈشتى.

1617886
تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىسى پفىزېر شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىندا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ۋە تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان باش ئەلچى مەرجاننىڭ بورلا بىلەن نەتىجىلىك كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيەنىڭ نىيۇ يوركتىكى باش كونسۇلخانىسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، پفىزېر شىركىتىنىڭ گېرمانىيە دورا شىركىتى BioNTech  بىلەن بىرلىكتە  تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى، پفىزېر شىركىتىنىڭ تۈركىيەدىكى سېلىنمىلىرى ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەرجان، نىيۇ يوركتا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تۈرك جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

ئۇ، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن  تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر