گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسىدە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 64 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1616944
گىرېتسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى، دىكىلى ناھىيەسىدە بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، شۇ جايغا ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇۋېتىلگەن 64 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

قۇرۇقلۇققا چىقىرىلغان كۆچمەنلەر، رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىشىدىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر