ئايۋالىقتا 24 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسى ئارقىلىق گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كېتىشكە ئۇرۇنۇش ئەسناسىدا چىپلاك ئارىلى ئەتراپىدا قاپسىلىپ قالغان 24 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1615366
ئايۋالىقتا 24 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى، ئايۋالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر گۇرۇپپا كۆچمەننىڭ كامېر كېمە بىلەن يولغا چىقىپ چىپلاق ئارىلىغا يېقىن يەرگە بارغاندا كېمىسىنىڭ موتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ لەيلەپ قالغانلىقى ۋە ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئېلىپ، دەرھال قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 24 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالدى.

كۆچمەنلەر ئايۋالىق دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقىغا ئېلىپ كېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر