تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا توققۇز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى توققۇز تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1615538
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تېررورچىلارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق سۈرىيەنىڭ تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.