چاۋۇشئوغلۇ كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قارا دېڭىزنى ئەگە دېڭىزىغا تۇتاشتۇرىدىغان «قانال ئىستانبۇل» لايىھەسى ئۈستىدە توختىلىپ، تۈركىيەگە نىسبەتەن بېسىم يوقلۇقىنى، ئۇنداق بېسىمنى تۈركىيەنىڭمۇ قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

1614669
چاۋۇشئوغلۇ كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنتەرتىپتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ قانال ئىستانبۇل توغرىسىدا تۈركىيەگە نىسبەتەن بىېسىم يوقلۇقىنى، ئۇنداق بېسىمنى تۈركىيەنىڭمۇ قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «مونترۆ كېلىشىمى پەقەت بوغۇزلاردىن ئۆتۈشىكىلا قارىتىلغان ئەمەس. قارا دېڭىز دۆلەتلىرىنىڭمۇ قانچىلىك پاراخوتقا ئىگە بولالايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ تونناژى، ۋاقتى قاتارلىق نۇرغۇن چەكلىمىلىرى بار. يېڭى قانال ئىستانبۇل مونترۆغا تەسىر قىلمايدۇ، مونترۆمۇ قانال ئىستانبۇلغا تەسىر قىلمايدۇ» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىرىنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەھبەرلىكىدە قوغدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكادىكى يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن تېخىمۇ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى باراك ئوباما دەۋرىدىن بۇيان پەيدا بولغان مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ۋە بىريۇسسېلدا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئىستراتېگىيەلىك ئويلىغاندا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكانى بىرلەشتۈرگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ تۈركىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىكەنلىكىنى دەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر