تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەتلەر ئىچىدە 6-بولدى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، تۈركىيەنىڭ تېخىچە ئۆز ۋاكسىناسىنى ئىشلەپچىقىرالمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا، ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەت بولغانلىقىنى ۋە ھازىرغا قەدەر 16 مىليون 668 مىڭ 844 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1614296
تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەتلەر ئىچىدە 6-بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېسابىدىكى يازمىسىدا، «بىز ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەتلەر ئىچىدە ئامېرىكا، خىتاي، ھىندىستان، ئەنگلىيە ۋە بىرازىلىيەدىن قالسىلا 6-ئورۇندامىز. تۈركىيە تېخىچە ئۆزى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئەڭ كۆپ ۋاكسىنا ئەملىگەن دۆلەت بولدى. ھازىرغا قەدەر 16 مىليون 668 مىڭ 844 كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر