تۈركىيەدە بۈگۈن 186 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 186 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1614191
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 186 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 32 مىڭ 78 گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 249 مىڭ 126 كىشىنىڭ بىر مىڭ 483 نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 44 مىڭ 756 گە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 23 مىڭ 214 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 3 مىليون 82 مىڭ 676 گە يەتتى.