تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەسكىن ۋە كەڭ دائىرىلىك كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە، ئالدىنقى ئاي دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا تەشكىلاتقا ئەجەللىك زەربە بەردى.

1612736
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شەھەرلەردە قانلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان تېررورچىلارنىڭ سۇيىقەستلىق ئويۇنىنى تارمار قىلدى.

مارت ئېيىدا، ساقچىلار، قوراللىق ساقچى قىسىملار ۋە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا،            چەت ئەللىكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 164 گۇماندار تۇتۇلدى، تەشكىلاتقا ئائىت كۆپ ساندا تەشۋىقات ۋەرەقەلىرى، قورال – ياراغلار ۋە ئوق – دورىلار قولغا چۈشۈرۈلدى.

تۇتۇلغان گۇماندارلاردىن 26 سى قولغا ئېلىندى، بەزىسى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلدى، يەنە بىر بەزىلىرىنىڭ بولسا ئەدلىيە ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر