تېررورچىلار داۋاملىق تەسلىم بولماقتا
قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك دىن قاچقان 3 تېررورچى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
1612503
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، تەسلىم بولغان تېررورچىلار، 1991 – ۋە 2020 – يىللىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلغاندىن كېيىن، ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ، قايىل قىلىش پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ يىل تەسلىم بولغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇپلىرىنىڭ سانى 39 غا يەتكەن
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.