تۈركىيە ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ئارقىلىق بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى
دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدىن بىمارلار ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ئارقىلىق بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا شەكىللەنگەن قورقۇنچ، ئەزا كۆچۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئوپېراتسىيەلەر %50 ئازايغان ۋە ئورگان ئىئانە قىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىگەن ئىدى.
گەرچە دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوپېراتسىيە قىلغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال ئىيۇل ئېيىدىن كېيىن ئۆزگەردى. بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى كۆپەيدى.
يۇقۇم مەزگىلىدە بالقان دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا شەرق، رۇسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن نۇرغۇن بىمارلار بۇ ئوپېراتسىيە ئۈچۈن تۈركىيەنى تاللىدى.
يۇقۇم مەزگىلىدە كىشىلەر تېز ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن يېپىق ئۇسۇل ھېسابلىنىدىغان ماشىنا ئادەم ئوپېراتسىيەسىنى تاللىماقتا.
تۈركىيە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدە ئىشەنچ، سۈپەت ۋە باھا جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ بەك تاللىنىدىغان دۆلەتكە ئايلانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنى ئاتىنادا ئېچىلدى
تۈركىيە-گىرېتسىيە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەدبىرلىرى يىغىنى ئاتىنا (ئافىنا)دا ئۆتكۈزۈلدى.