ماردىندا پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ماردىن مەسئۇلى ۋە باشقا بىر قىسىم تېررورچىلار ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1611696
ماردىندا پ ك ك غا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىندا بىر تەرەپ قىلىنغان ئالتە تېررورچىدىن بىرىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكىنىڭ «قىزىل رەڭلىك» كاتېگورىيەسىگە ئىسمى كىرگۈزۈلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ماردىن مەسئۇلى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئەرەن-5 زەربە بېرىش ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن ماردىندا بىر تەرەپ قىلىنغان ئالتە تېررورچىنىڭ ئىچىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تىزىملىكىنىڭ «قىزىل رەڭلىك» كاتېگورىيەسىدىكى پ ك ك نىڭ ئاتالمىش ماردىن مەسئۇلى ھاسان ماھمۇدى بىلەن مەزكۇر تىزىملىكنىڭ «سېرىق رەڭلىك» كاتېگورىيەسىدىكى ئاتالمىش ماردىن باگوك مەسئۇلى تەييۈپ چامنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ قىزىل رەڭلىك كاتېگورىيەسىدىكى تېررورچىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى مۇرات قارايىلاننىڭ مۇھاپىزەتچىلىكىنى قىلغانلىقىمۇ ئېنىقلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تېررورچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى بىلەن شېھىتلىرىمىزنىڭ ۋە يارىدارلىرىمىزنىڭ قانلىرى يەردە قالمىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان باشقا تېررورچىلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر