كوروناۋىرۇس ئىلمىي كومىتېتى يىغىن چاقىرىدۇ

كوروناۋىرۇس ئىلمىي كومىتېتى بۈگۈن سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ.

1611721
كوروناۋىرۇس ئىلمىي كومىتېتى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 17.00 دە ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلىدىغان يىغىندا، «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن تىپىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى، ھەرقايسى ۋىلايەتلەردە يولغا قويۇلۇۋاتقان تەدبىرلەر، ۋاكسىنا ئەملەش باسقۇچى ۋە ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يىغىندىن كېيىن، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجانىڭ يازما بايانات ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر