تۈركىيە ھىندونېزىيەدىكى چېركاۋنى نىشان قىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماكاسسار شەھىرىدە چېركاۋغا قىلىنغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1610212
تۈركىيە ھىندونېزىيەدىكى چېركاۋنى نىشان قىلغان تېرورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىگە قاراشلىق ماكاسسار شەھىرىدە چېركاۋغا قىلىنغان ۋە كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن ناھايىتى قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەردار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «تېرورلۇققا قارشى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان، نۇرغۇن پۇقرالىرى تېرورلۇقنىڭ قۇربانى بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تىلەيمىز ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دوست ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى تەكىتلەشنى خالايمىز» دېيىلدى.

ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىي سۇلاۋېسى ساقچى ئىدارىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئەمەلدارى ئې زۇلپان ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقە ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم» دېگەن ئىدى.

ماكاسسار شەھەر باشلىقى مۇھەممەد رامادان پومانتومۇ چېركاۋنى نىشان قىلغان ھۇجۇمدا يەكشەنبە كۈنلۈك مۇراسىم ئۈچۈن چېركاۋ ئىچىدە توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر