جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى يىغىنى ئەتە چاقىرىلىدۇ
ئەتە جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشتەپەدە چاقىرىلىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك كابىنېت يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش بولىدۇ.
تەدرىجىي نورماللاشتۇرۇشقا ئالاقىدار 1 ئايلىق جەريان مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىدىكى كۆپىيىش ئانالىز قىلىنىپ، ئۆزگىرىشكە ئۇچرىغان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش جەريانى كۆزدىن كەچۈرىلىدۇ.
يۇقۇمنىڭ سەھىيە، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ، تەدبىرلەرنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنىدۇ.
يىغىندا ۋاكسىنا ئەملەش خزمەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ۋە يول خەرىتىسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
خىتاي، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق چەت ئەللەردىن ۋاكسىنا سېتىۋىلىش خىزمەتلىرى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكسىنا تەتقىقاتىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنى ئامما بىلەن ئورتاقلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ب د ت: ئافغانىستان 1 مىليون 200 مىڭ قىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن مەھرۇم قالدى
ئافغانىستاندىكى 1 مىليون 200 مىڭ قىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپنى داۋاملاشتۇرۇشتىن مەھرۇم قالماقتا.