تۈركىيە مىسىرغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە مىسىردا يۈز بەرگەن پويىز قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلدى.

1609559
تۈركىيە مىسىرغا تەزىيە بىلدۈردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ، تۈنۈگۈن مىسىرنىڭ سوھاج ئۆلكىسىنىڭ تاختا رايونىدا يۈز بەرگەن پويىز قازاسىدا 30 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغا ھالدا  خەۋەر تاپقانلىقى ۋە قاھىرەگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت مىسىر خەلقى ۋە مەرھۇملارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەم يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر