تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياننامەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسىنىڭ بىرقانچە ئەزا دۆلەتنىڭ تار قاراشلىق دەۋاسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە بىر تەرەپلىمىلىك نەزەر تاشلانغان ھالدا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1608911
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باياننامەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنى باياننامەسىنىڭ تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمىغا ئىنكاس كېچىكمىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باياننامە ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى تەرىپىدىن تەييارلانغان <تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھۋالى> تېمىلىق دوكلاتنىڭ ئانالىز قىسمىدا، ئىجابىي كۈنتەرتىپ تېگىشلىك شەكىلدە تەكىتكلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن، بىرقانچە ئەزا دۆلەتنىڭ تار قاراشلىق دەۋاسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە بىر تەرەپلىمىلىك نەزەر تاشلانغان ھالدا  تەييارلانغانلىقى ھەممىگە ئاياندۇر.

شۇنداقتىمۇ، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنى ئىجابىي كۈنتەرتىپكە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىدە دوكلات ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان تىرىشچانلىقنى ۋە باشلىقلار يىغىنى باياننامەسىدە ئەكس ئەتتۈرۈلمەكچى بولغان باياناتلاردىن خۇرسەنمىز.

مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان نامزات دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئەزالىق نىشانىنى بويلاپ، ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىزمۇ چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز. دەرۋەقە، سۈركىلىشنىڭ ئازايتىلىشى ۋە دىيالوگ قاناللىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، تۈركىيەنىڭ ۋە سوغۇقققان كۆپلىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا ئىشقا ئاشتى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجابىي كۈتەرتىپكە ئاساسەن كونكرېت ۋە ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىشىنى ھەقلىق رەۋىشتە كۈتمەكتىمىز. بۇ قەدەملەرنىڭ باشلىقلار يىغىنى باياننامەسىدە شەرت قىلىنىشى، پەقەت مەلۇم ساھەلەرنىڭلا تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئىيۇن ئېيىغا كىچىكتۈرۈلۈشىنىڭ، قولغا كەلتۈرۈلگەن ياخشى كەيپىياتنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.

<18 – مارت كېلىشىم لايىھەسى> نىڭ كۆچمەنلىك مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ، ئىزچىل ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ۋە بۇ ھەقتە ئىجابىي تەكلىپلەرنى سۇنغان بولۇشىمىزغا قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كېلىشىم لايىھەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تاللاش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قىلىش ۋە مۈجمەل باياناتلارغا ئورۇن ئاجرىتىشقا مەجبۇر بولۇشى، بىز بىرلىكتە يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورغا ئايلاندۇرماقچى بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاجىز قەدەم بولۇپ قالدى.

بىز قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسلىق ھەق - ھوقۇق ساھەلىرىدە دىيالوگدىنمۇ بەكرەك، ئەزالىق مۇزاكىرىلىرى دائىرىسىدە يېڭى سۆھبەت تېمىلىرىنى ئېچىش زۆرۈر، دەپ قارايمىز. بۇ دائىرىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 23 – ۋە 24 -  سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى كېڭىيىش ئىستىراتېگىيەسىمۇ ئۇيغۇن شەكىلدە ئېچىلىشىنى كۈتمەكتىمىز.

تۈركىيە لىۋىيە، سۈرىيە ۋە جەنۇبىي كاۋكاز قاتارلىق رايونلۇق كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇ مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز پەقەت رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە سەھىيە ساھەسىدىلا ئەمەس، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، قاتناش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، كۆچمەنلىكنى ئىدارە قىلىش ۋە ۋىزىسىز ساياھەت قاتارلىق ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ساھەلەردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگ مىخانىزىملىرىنىڭ دەرھال باشلىتىلىشىنى قوللايمىز.

گىرېتسىيە – رۇم تەرەپنىڭ سەلبىي پوزىتسىيەلىرىگە، بىر تەرەپلىمە ئىغۋاگەرچىلىك پائالىيەتلىرىگە سەل قاراۋاتقان، ياكى ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا توسالغۇ بولالمايۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ،  دۆلىتىمىز ھەم شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى قانۇنسىز دەپ ئاتىشى، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر. قىبرىس مەسىلىسىگە ئالاقىدار باياناتلار بولسا، جەنۇبىي قىبرىس تەرىپىنىڭلا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش نىشان قىلىنغان ھەقىقەتتىن يىراق تېكىستلەردىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرۇلغۇسى يارىشىشقىمۇ ھېچقانداق تۆھپە قوشالمايدۇ. باياننامەدە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرىنىڭ يەنە تىلغا ئېلىنماسلىقىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىبرىس مەسىلىسىگە بولغان بىر تەرەپلىمە ھەم گۇمانىي قارىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز چىقىش نۇقتا قىلىنغان ھالدا تاشلىغۇسى قەدەملىرى، نامزات دۆلەت تۈركىيە تەرىپىدىن ئىجابىي قەدەملەر ئارقىلىق قارشى ئېلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر