تۈركىيەنىڭ باغداد باش ئەلچىسى ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيەنىڭ باغدادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فاتىھ يىلدىز، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەش مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاراجى بىلەن كۆرۈشتى.
1608128
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىز، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىراقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاراجى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇچرىشىشتا، دۆلىتىمىزنىڭ، پەقەت تۈركىيەگە نىسبەتەنلا ئەمەس، ئىراق ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقى جەھەتتىنمۇ تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرەش قىلىش ۋە بۇ دائىرىدە ئىراق بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدىم.»