ئەردوغان: بىزنىڭ نە غەرب، نە شەرققە ئارقىمىزنى قىلىپ تۇرۇۋالالمايمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ قەلبىگە جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نە شەرققە، نە غەربكە ئارقىسىنى قىلىپ تۇرۇۋېلىشتەك بىر تاللىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.
1607706
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 7 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دوستلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىپ، تۈركىيە جايلاشقان بۇ جۇغراپىيەنى خاتىرجەملىك ئارىلىغا ئايلاندۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقلىرىنى ئەسكەتتى.