شەنتوپ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كونفېرانسىغا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» تېمىلىق 4 – نۆۋەتلىك پارلامېنت باشلىقلىرى كونفېرانسىغا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

1606641
شەنتوپ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش كونفېرانسىغا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 24 – 25 – مارت كۈنلىرى ئانتاليادا چاقىرىلىدىغان كونفېرانسقا، ئافغانىستان خەلق مەجلىسىنىڭ باشلىقى مىر راھھمان راھمانى، پاكىستان مىللىي مەجلىسىنىڭ باشلىقى ئەسەد قەيسەر، ئىراق ئاۋام پالاتاسى دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەد رىدھە ئەلھەيدەر قاتارلىقلار بىۋاسىتە؛  خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى لى جەنشۇ، ئىران ئىسلام مەسلىھەتچىلەر كېڭىشى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى موجتابا زونورى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېئونىد سلۇتسكىي قاتارلىقلار ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاتنىشىدىكەن.

ئىران ئىسلام مەسلىھەتچىلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد باقىر گالىباف، كونفېرانسنىڭ ئېچىلىشىغا ۋىدېئولۇق تېلېگرامما يوللايدىكەن.

تۈركىيەگە ۋاكالىتەن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رىياسەتچىلىك ھەيئىتى ئەزالىرى، دائىمىي كومىتېتلارنىڭ رەئىسلىرى ۋە پارلامېنت مەجلىسلىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى بىرلەشمىلىرىدىكى تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنتلار ئارا دوستلۇق گۇرۇپپىلىرىدىكى تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى قاتنىشىدىغان كونفېرانسقا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن، ھەمدە كونفېرانستا ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر