چاۋۇشئوغلۇ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھانىف ئاتمار بىلەن تېلېفونلاشتى.
1605649
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاتمارنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئافغانىستاندىكى تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.