ئەردوغان: بايدىننىڭ پۇتىن توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىر پىرېزىدېنتقا ياراشمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى...

1604691
ئەردوغان: بايدىننىڭ پۇتىن توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىر پىرېزىدېنتقا ياراشمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى «قاتىل» دەپ ئاتىشىغا باھا بېرىپ: «ھۆرمەتلىك بايدىننىڭ پۇتىن توغرىسدىكى سۆزلىرى بىر پىرېزىدېنتقا ياراشمايدىغان سۆزلەردۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان. سۈرىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى تەلرىفات رايونىدىن ئېتىلغان ئىككى راكېتانىڭ تۈركىيەنىڭ كىلىس شەھىرى چۈشكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ: «كىلىسقا قىلىنغان ھۇجۇم — ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان بىر ھۇجۇم ئەمەس. بۇنىڭ جاۋابىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا قايتۇردۇق، قايتۇرۇۋاتىمىز، قايتۇرىمىز» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چارشەنبە كۈنى (2021.3.24) ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇلتىيىدا قىلىدىغان سۆزىنىڭ تۈركىيەنىڭ 2023 – يىلىنىڭ خىتابنامىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قۇرۇلتايغا تەييارلىق خىزمەتلىرىمىزنى قەتئىي ئىرادە بىلەن تۇتۇش قىلىپ تاماملىدۇق. نۆۋەتتە شوئارلىرىمىز تارتىپ چارشەنبە كۈنى قىلىدىغان سۆزىمىزگىچە ھەممىسى ئەڭ ئۆلچەملىك شەكىلدە تەييارلىنىۋاتىدۇ. چارشەنبە كۈنى قىلىدىغان سۆزۈم 2023 نىڭ بىر خىتابنامىسى ماھىيىتىدە بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر