چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشتى.

1604453
چاۋۇشئوغلۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىف بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى(MİT)  نىڭ باشلىقى ھاكان فىدان بىرگە بولدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىفنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر