تۈركىيەدە كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ 65-60 ياشتىكىلەرنى ئەملەش باشلىنىدۇ

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈنۈگۈن (2021-يىلى 17-مارت) ۋىدېئولۇق قاتنىشىپ باشچىلىق قىلغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

1603736
تۈركىيەدە كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ 65-60 ياشتىكىلەرنى ئەملەش باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا بىلىم كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كەڭ ئاممىۋى مەسىلە بولۇشىدىن قېلىشى ئۈچۈن ئالدىمزىدا يىللار يوق، بەلكى ئايلار بار. ئىنسانىيەت 2020-يىلدىكى چارىسىزلىكنى يەڭدى. 2021-يىلى ئۈمىد ۋە غەلىبە يىلىدۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ۋاكسىنا تەمىنلەش نۇقتىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرۈپ، ھەركەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىر ئەملىنىۋاتقان خىتايدا ياسالغان سىنوۋاك ۋاكسىناسىغا ئوخشىمايدىغان بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ سىناق قىلىنىدىغان 5 مىڭ 800 دانىسى دۆلىتىمىزگە كەلتۈرۈلدى. مۇشۇ ئاي ئىچىدە يەنە 4.5 مىليون دانە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا سىناق ئىشلىرى ئاخىرلاشقان بولىدۇ. بۇ ۋاكسىنالار نۆۋىتى كەلگەنلەرگە ئەملىنىدۇ» دېدى.

ئۇ 65 ياشتىن يۇقىرىلارنى ئەملەش ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ 65-60 ياشتىكىلەرنى ئەملەش باشلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر