مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 18 - مارت شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېئولۇق ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ئادرېسىدا 18- مارت شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە چاناققەلئە دېڭىز ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 106 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېئو تارقاتتى.

1603588
مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 18 - مارت شېھىتلەرنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېئولۇق ئۇچۇر تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋىدېئوسىدا: «باشتا غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بولۇپ بۇنىڭدىن 106 يىل ئىلگىرى چاناققەلئەدە قۇتلۇق زەپەرنى قولغا كەلتۈرگەن قەھرىمانلىرىمىزنى ۋە قىممەتلىك شېھىتلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز. شېھىتلىرىمىزنىڭ زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان روھلىرى ئالدىدا <شېھىتلىرىمىزگە سالام بېرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر