ھاتايدا ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تېررورىستلار قولغا چۈشتى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ «يىل بېشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 26 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. ھەتتا، بىرسىنى بۈگۈن (2021-يىلى 18-مارت) ئەتىگەن ئالدىنى ئالدۇق» دېگەن باياناتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئايدىڭلاشتى.

1604001
ھاتايدا ھۇجۇم تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان تېررورىستلار قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇنىڭ «يىل بېشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 26 تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق. ھەتتا، بىرسىنى بۈگۈن (2021-يىلى 18-مارت) ئەتىگەن ئالدىنى ئالدۇق» دېگەن باياناتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئايدىڭلاشتى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د|ي پ گ ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئىچىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن مەخپىي كىرىپ، ھاتاينىڭ كىرىكھان ناھىيەسى يېزىسىدىكى بىر ئۆيدە يوشۇرۇنغانلىقى بايقالدى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئەتىگەندە باشلانغان ھەرىكەتلەردە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئېتىشىش يۈز بەردى. ئېتىشىشتا، بىر سۈرىيەلىك تېررورىست يارىدار ھالەتتە، يەنە بىر تېررورىست تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

گۇماندارلارنىڭ چوڭ شەھەلەردە بومبا ھۇجۇمى قىلىش تەييارلىقىدا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر