تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسى ھەلەبچە قەتلىئامى توغرىسىدا تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسى، ئىراقنىڭ ھەلەبچە شەھىرىنىڭ 1988 – يىلى 16 – مارتتا خىمىيەلىك قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنىشىنىڭ 33 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

1602154
تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسى ھەلەبچە قەتلىئامى توغرىسىدا تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ئەربىلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىغا چىقىرىلغان تېلېگراممىدا، ساددام ھاكىمىيىتىنىڭ 1988 – يىلى 16 – مارتتىكى ھەلەبچەگە قىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا مىڭلارچە پۇقرانىڭ رەھىمسىزلەرچە قەتل قىلىنىشىنىڭ تارىخ بويىچە بىر قارا داغ سۈپىتىدە ئەسلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تېلېگراممىدا: «بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇمدىن قېچىپ، پاناھلىق تىلىگەن كورد قېرىنداشلىرىغا ئىگە ئىشىكلىرىنى ئاچقان تۈركىيە، بۇ ئېغىر ئازابنى ھازىرمۇ ئورتاقلىشىدۇ. ھەلەبچە قەتلىئامىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن مېھىر – شەپقەت تىلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر