ئەردوغان ياشلارغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك تۈركىيەنىڭ مېمارى بولغان ياشلارغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1601633
ئەردوغان ياشلارغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ 6-قېتىملىق كونگرەسىدە قىلغان سۆزىدە ياشلارغا خىتاب قىلىپ: «سىلەر بىر سىياسىي پارتىيە ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى بولۇشتىن سىرت، ئەتىنىڭ ئۇلۇغ ۋە كۈچلۈك تۈركىيەسىنىڭ ئالدىنقىلىرى، مىراسخورلىرى بولىسلەر. قۇددۇستا، قۇتئۇل ئامارەدا سىلەر بار ئىدىڭلار. بالقان رايونىدا، چاناققەلئەدە، گالىچيادا سىلەر بار ئىدىڭلار. ساكاريادا، دۇملۇپىناردا، ئىزمىردا سىلەر بار ئىدىڭلار» دېدى.

ئۇ ياشلارنىڭ ھەر ساھە بويىچە تۈركىيەنى مۈرىسىدە كۆتۈرگەن كۈچ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «سىلىر بۆلگۈنچىلەرگە قارشى ئىتتىپاقلىقىمىزنىڭ، ۋەيران قىلغۇچىلارغا قارشى ئىنشا ۋە بەرپا قىلىش ھەرىكىتىمىزنىڭ كاپالىتى. ئەتىنىڭ تۈركىيەسى سىلەرنىڭ مۈرەڭلاردا يۈكسېلىدۇ. دۆلەتنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز كېلەچىكىنىڭ ئالدىغا قويغان سىلەر ياشلار بولغان مۇددەتتە، تۈركىيەنىڭ مۇقەددەس يۈرۈشىنى ھېچكىم توختىتالمايدۇ» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر