تۈركىيە چېخنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا ئېچىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە چېخنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا ئېچىشىنىڭ ئەندىشىلىك ئەھۋال ئىكەنلىكىنى  بىلدۈردى

1600791
تۈركىيە چېخنىڭ قۇددۇستا دىپلوماتىك ئىشخانا ئېچىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، بۇ ئىشقا قارىتا «پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىختىلاپىنىڭ ئاساسلىق پارامېتىرلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇددۇسنىڭ  قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشىدىغان خاراكتېرگە ئىگە» دەپ باھا بېرىلدى.

باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قۇددۇسنىڭ تارىخى ۋە قانۇنىي سالاھىيىتى ئاساسىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئادىل، ئەتراپلىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىشن چارىسى تېپىش ئۈچۈن خەلقئارالىق پارامېتىرلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

باياناتتا، «خەلقئارالىق سالاھىيىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرى بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغا قۇددۇستا (چېخ)نىڭ دىپلوماتىك ئىشخانا ئېچىشىدىن ئەندىشە ھېس قىلىمىز» دېيىلدى.

چېخ 11-مارت غەربىي قۇددۇستا تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىغا قاراشلىق دىپلوماتىك ۋاكالەتخانا ئاچقان ئىدى.


خەتكۈچ: #قۇددۇس , #چېخ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر