تۈركىيە: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاساسسىز دەۋالىرىنى رەت قىلىمىز

تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدا سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قوبۇل قىلىنغان قاراردىكى ئاساسسىز دەۋالارنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1600526
تۈركىيە: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاساسسىز دەۋالىرىنى رەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن، ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدا قوبۇل قىلىنغان سۈرىيە كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك قارار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قاراردا، مىليونلارچە سۈرىيەلىكلەرنى باغرىغا بېسىۋاتقان ۋە كىرىزىس سەۋەبىدىن يېگانە ھالدا ناھايىتى ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقان تۈركىيەگە قارشى ئاساسسىز دەۋالارغا ئورۇن بېرىلگەنلىكى، ئەنقەرەنىڭ بۇ ئاساسسىز دەۋالارنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقى، جۈملىدىن، تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەنىڭ شىمالىدا، چېگرا لىنىيەلىرىنى بويلاپ تۈركىيە ۋە سۈرىيە خەلقىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىغا ئاساسەن، قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھەربىي ھەرىكەتلەر ئەسناسىدا ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق تەەدبىرلەر ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە قوللىنىلىۋاتىدۇ، رايون خەلقى دائېش، پ ك ك/ ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدى، سۈرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يەرلىك كۈچلەرنىڭ  مۇقىملىقنى ساقلاش پائالىيەتلىرى سايىسىدا ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئورنىتىلدى؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ، 420 مىڭدىڭ ئارتۇق مۇساپىرنىڭ، بۇ رايونلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ۋە بىخەتەر ھالدا  قايتىنشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەسلىدە تەنقىد قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ يېقىندىن بۇيانقى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بۇزۇش مەقسىتىدە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «قاراردا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ رايوننىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئۇرۇنۇشلىرى ۋە دائېشچىلارنى قويۇپ بېرىش مەسىلىلىرىگە ئورۇن بېرىلمەسلىكىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.»

تۈركىيەنىڭ، سۈرىيە كىرىزىسىگە سىياسىي چارە تېپىش مەقسىتىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنى ھەقىقەتلەردىن  يىراق ۋە مۇناسىۋەتسىز باياناتلارنى ئېلان قىلىشنىڭ ئورنىغا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپانىڭمۇ چېگرالىرىنى قوغداۋاتقان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرىنىڭ، ياۋروپا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىشكە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە، كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا ھەسسە قوشۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر