شەنتوپ ياۋروپا پارلامېنتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1600607
شەنتوپ ياۋروپا پارلامېنتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەنتوپ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتى ئومۇمىي كېڭىشىدا قوبۇل قىلىنغان سۈرىيە كىرىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك قاراردا، تۈركىيەگە ئورۇن بېرىلگەن ئاساسسىز دەۋالارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئاخىرقى قارارىدىكى دۆلىتىمىزگە قارىتا جاھىللارچە، ئاساسسىز ۋە يامان نىيەتلىك دەۋالارنى رەت قىلىمىز.»

تۈركىيەنىڭ، ئىنسانىي قىممەت ئۆلچەملىرىگە ساداقەت دائىرىسىدە سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كەلگەن مىليونلارچە كۆچمەنگە ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلىقى ۋە ۋىجدان ساداسى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن شەنتوپ، تۈركىيەنىڭ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۈرىيە كىرىزىسىگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن سىياسىي يوللار ئارقىلىق چارە تېپىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئىزچىل ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ سۈرىيەلىك پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان شەنتوپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياۋروپا پارلامېنتىنى، ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە كەڭ قورساقلىق بىلەن 3.7 مىليون سۈرىيەلىككە ئىشىكلىرىنى ئاچقان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چېگرالىرىنى قوغداۋاتقان، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولۇشقا ۋە سۈرىيەدىكى سىياسىي باسقۇچنى قوللاشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر