ئەردوغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن ئىستانبۇلدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىدۇ.

1599874
ئەردوغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات قانۇن لايىھەسىنى ئېلان قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ئىسلاھات قانۇن لايىھەسى، ماكرو ئىقتىساد، قۇرۇلمىلىق سىياسەتلەر، پۇل پاخاللىقى، نۆۋەتتىكى ھېسابات قىزىل رەقىمى ۋە ئاممىۋى مالىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئالدىنقى يىلى نويابىر ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىقتىساد ۋە قانۇن ساھەلىرىدە يېڭى بىر ئىسلاھات دەۋرىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلكلىرىنى ئېيتقانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن، خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋاننىڭ رەھبەرلىكىدە، سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ھالقىلىق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلىپ، تەلەپ ۋە تەكلىپلەر ئېلىندى.

بۇ ئۇچرىشىشلاردا، سودا – سانائەت دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى، مەجلىسلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققان تەلەپ ھەم تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ماكرو ئىقتىساد مۇقىملىق سىياسەتلىرى ۋە قۇرۇلمىلىق سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات قانۇن لايىھەسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن بۈگۈن چاقىرىلىدىغان «ئىقتىسادىي ئىسلاھات قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى» دا ئېلان قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر