چاۋۇشئوغلۇ كۈنتەرتىپ توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مىسىر بىلەن دىپلوماتىك سەۋىيەدە ئۇچرىشىشلارنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

1600050
چاۋۇشئوغلۇ كۈنتەرتىپ توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ ئۆزبېكستان ۋە قىرغىزىستان بىلەن داۋاملاشقان زىيارەتلىرىنى قاتاردا ئاخىرلاشتۇردى. ئۇ تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە، تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى- ت ر ت خەبەر قانىلىنىڭ تاشقى خەۋەرلەر مۇدىرى ئۆزجان تىكىتنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزدىن ياكى مىسىرلىقلاردىن ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قويۇلمىدى، ئوتتۇرىدا ھېچقانداق شەرت يوق. مىسىر بىلەن ھەم ئىستىخبارات ھەمدە دىپلوماتىك سەۋىيەدە ئۇچرىشىشلىرىمىز بار. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە دىپلوماتلار سەۋىيەسىدە ۋە ئىستىخبارات سەۋىيەسىدە ئۇچرىشىشلار بولىدۇ» دېدى.

ئۇ قاتار پايتەختى دوھادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەلتانى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «بولۇپمۇ، سۈرىيەدىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتكە قارشى قاتارنىڭ تېخىمۇ كونكرېت قەدەملەرنى بېسىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆردۇق. بۇنى مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قارار قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا، «S-400» لەر توغرىسىدا گىرىت مودېلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى جىنايىتىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىجابىي سىگناللار نەتىجىسىدە تۈزۈلۈشكە باشلىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

ئۇ: «ئەبۇ زەبىدىن تېخىمۇ ئىجابىي سىگناللارنى ئاڭلاۋاتىمىز، تۈركىيەگە قارىتىلغان سەلبىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئازايغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئۇلار بىلەن ھېچقانداق دەردىمىز يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ بىزگە بولغان پوزىتسىيەسى سەلبىي ئىدى.  سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تۈزەلمەسلىكى ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب بوق. ئىجابىي قەدەم تاشلىسا، بىزمۇ تاشلايمىز. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاندا، ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا باشلانغان مۇزاكىرەلەر ئۈستىدە توختالغاندا: «ئاپرېل ئېيىدا ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ رايون زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ: «25-مارتتا تۈركىيەگە كېلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر، ئاسىيا ۋە ياۋرو-ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار بار. ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى تۇرۇشتىن كۈنتەرتىپتىكى بارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل (Charles Michel) بىلەن تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا ھەل قىلىش پىلانى ئۈستىدە خىزمەت قىلىش قارارى ئېلىنغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «بىز ئۇلارغا تەكلىپىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلاردىن جاۋاب كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، قىبرىس ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە: «مۇزاكىرە باشلانسا ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆزەتكۈچى بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر