ئەردوغان: تۈركىيەنى يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا قوشىمىز

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىلىدا تۈركىيەنى يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا قوشىمىز» دېدى.

1598834
ئەردوغان: تۈركىيەنى يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا قوشىمىز
erdogan putin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، «ئاققۇيۇ يادرو ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۈچىنچى تارماق گۇرۇپپىسىغا ئۇيۇل قويۇش مۇراسىمى» غا سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «مىللىي ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەمىزگە يادرو كۈچىنى قوشۇش قارارى، ئېنېرگىيە تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە قارىتا باسقان ئىستراتېگىيەلىك قەدەمدۇر. نىشانىمىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغاندا، كېرەكسىز گاز چىقىرىش نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرگەن ھالدا ۋە مۇھىتقا ھېچقانداق زىيان سالمايدىغان يادرو ئېنېرگىيەسىنى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە سىۋىتىگە سېلىشتۇر» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇۋۋىتىنىڭ ئىچىدىكى يەرلىك ۋە قايتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە نىسبىتىنىڭ %63.7 سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «قارا دېڭىزدىكى 405 مىليارد كۇب مېتىرلىق تەبىئىي گاز زاپىسى، مۇستەقىل ئېنېرگىيە ۋە كۈچلۈك تۈركىيە ئىرادىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قەدەملىرى بولدى. جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىلىدا تۈركىيەنى يادرو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا قوشىمىز. ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر  ئىستانسىسى ئەڭ ئىلغار بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرىغا ئىگە ۋە خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن.  يىللىقى 35 مىليارد كىلوۋات سائەت ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە تەخمىنەن تۈركىيەنىڭ %10 لىك ئېكسپورتىنى قامدايدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، بۇ يىل (2021) تۈركىيەنىڭ سەھىيە ئۇل-ئەسلىھەسى سايىسىدا شەكىللەندۈرگەن بىخەتەر ساياھەت ئېڭى بىلەن، رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن: «ئورتاق لايىھەمىز بولغان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ. لايىھەنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگيە بىخەتەرلىكىگە مۇھىم ھەسسە قوشىدۇ ۋە ئىقتىسادىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى لايىھەسىدە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ قاتتىق ئىجرا قىلىندى. لايھەنىڭ مۇھىت دوستى بولۇشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر