ناتو: تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقداش

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خەرىتىگە قارىسىڭىزلا بۇنى كۆرەلەيسىز» دېدى.

1598265
ناتو: تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقداش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ كالىفورنىيەنىڭ ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ماسلىشىشى» تېمىسىدىكى سىن يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

ئۇ، تۈركىيە رۇسىيەنىڭ S - 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا: «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنىڭ يېڭى نەرسە ئەمەسلىكى، ئىتتىپاقنىڭ بۇ ئوخشىماسلىقلارنى، ئىختىلاپلارنى بەس – مۇنازىرە قىلىش ۋە ئۇلارغا چارە تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى سەھنىسى ئىكەنلىكى» قاتارلىقلارغا ئىشارەت قىلغان ھالدا جاۋاب باردى.

ستولتېنبېرگ، ئەنقەرەگە س – 400 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمما بىز يەنە شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، تۈركىيە مۇھىم بىر ئىتتىپاقداش. خەرىتىگە قارىسىڭىزلا ئۇنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرەلەيسىز. بولۇپمۇ ئىراق ۋە سۈرىيە بىلەن چېگراداش بولۇشى، دائېشقا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەر، رايوننىڭ دائېش كونتروللۇقىدىكى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئازاد قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى ئايدورۇدۇملار ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ: #تۈركىيە , #ناتو

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر