چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1597610
چاۋۇشئوغلۇ ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ھەيئەتلىرى ئارا  ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە – ئۆزبېكىستان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، تاشكەنتكە يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن، زىيارىتىنىڭ مەدەنىيەت بۆلۈمىدە ھىۋە ۋە سەمەرقەندنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سەمەرقەند باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ زىيارەتلەر ئەسناسىدا ئۆزلىرىنى يالغۇز تاشلاپ قويمىغان كامىلوۋغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بۈگۈن، ئورتاق ئىستىراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى ئىككىچى قېتىملىق يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، بىرىنچى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلار ۋە بىز ئىمزالىغان كېلىشىملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنىڭمۇ كۆزەتكۈچىسى بولىمىز، تۈرك كېڭىشى، ئافغانىستان ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»

ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلئەزىز كامىلوۋ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋۇشئوغلۇنىڭ، ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن، ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، سېلىنمىلار ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى مىنىستىرى سەردار ئۇمۇرزاقوۋ بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر