ئەردوغان شېھىت بولغان ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىتلىسنىڭ تاتۋان رايونىدا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە شېھىت بولغان پىيادە ئەسكەر سېرژانت ھاقان گۈلنىڭ ئاماسيادىكى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1596564
ئەردوغان شېھىت بولغان ئەسكەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاماسيا ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىزمىر پارلامېنت ئەزاسى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئاماسىيا دوغانتەپە يېزىسىدا پىيادە ئەسكەر سېرژانت ھاقان گۈلنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلغاندا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا تېلېفون قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تېلېفون سۆھبىتىگە ئالاقىدار ھەمبەھىرلەنگەن كۈرۈنۈشلەردە ئەردوغاننىڭ شەھىدنىڭ ئايالى فادىمە گۈل بىلەن كۆرۈشۈپ، «ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، سەۋر تاقەت ئاتا قىلسۇن، شەھىدلىرىمىزنىڭ پەرزەتلىرى بىزلەرگە ئامانەتتۇر. بىز بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى تولۇق ئورۇندايمىز ئىنشائاللاھ» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فادىمە گۈلمۇ  ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىمنىڭ زىيارىتىگە ئاماسيا ۋالىيسى مۇستاپا ماساتلى ۋە ئاق پارتىيە ئاماسىيا پارلامېنت ئەزاسى لەۋەنت كاراخوجاگىلمۇ ھەمراھ بولدى.

 5 - مارتتا بىڭگولدىن بىتلىسنىڭ تاتۋان رايونىغا قاراپ يولغا چىققان ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان ئالدىنقى كۈنى ھادىسىگە ئۇچراپ، 11 ئەسكەر شېھىت بولغان ۋە 2 ئەسكەر يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر