تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئافغانىستانلىقلارنى دۆلىتىگە قايتىشقا رىغبەتلەندۇرمەكتە
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دۆلىتىگە قايتقان ئافغانىستانلىقلارغا خىزمەت ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمەكتە.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىختىيارىي قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى قوللاش» لايىھەسى دائىرىسىدە، پايتەخت كابۇلدا دۆلىتىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كەلگەن ئافغانىستان پۇقرالىرى ئۈچۈن ماروژنى دۇكانلىرى ئېچىپ بەردى.
تۈركىيە قىزىل ئاي جەمئىيىتى ئافغانىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى فەرىد ئەھمەت زىيا ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتىقىدا، ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن ئافغانىستانلىقلارغا تىرىكچىلىك قىلىش پروگراممىسى دائىرىسىدە، 61-دۇكان ئېچپ بېرىشتىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ دۇكاننى ماروژنى دۇكىنى سۈپىتىدە ئاچقانلىقىنى تىلغا ئالغان فەرىد ئەھمەت زىيا، ئۆزلىرىنىڭ ئېچىلغان دۇكان ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ۋە دۇكاننىڭ 5 ئايلىق ئىجارە پۇلىنى تۆلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
فەرىد ئەھمەت زىيا، بۇ ئارقىلىق تۈركىيەدىن ئىخىتىيارىي شەكىلدە قايتىپ كەلگەن ئافغانىستان پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىيەلىشى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىيالىشىغا ياردەمچى بولۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 354 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 354كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.