جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرى تۈركىيە پۇقراسى رابىيە شىرىننىڭ قەھرىمانلىقىنى خەۋەر قىلدى

جەنۇبىي كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ياش بىر قىزنى باسقۇنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە، باسقۇنچىلىق قىلغۇچىنىمۇ تۇتۇپ ساقچىغا تاپشۇرغان تۈركىيە پۇقراسى رابىيە شىرىن دۆلەت مىقياسىدىكى پۈتۈن مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

1596479
جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرى تۈركىيە پۇقراسى رابىيە شىرىننىڭ قەھرىمانلىقىنى خەۋەر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېئۇلنىڭ سوڭپا رايونىدىكى بىر سودا مەركىزىدە 17 – فېۋرال كەچتە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، باسقۇنچى 20 ياشلاردىكى بىر قىزنى ھاجەتخانىغىچە ئەگىشىپ كېلىپ باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولغان.

نەق مەيدانغا ئىنتايىن يېقىن بىر رېستوراندا ئىشلەۋاتقان تۈركىيە پۇقراسى 25 ياشلىق رابىيە شىرىن ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى قىزنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرھال ياردەمگە يۈگۈرگەن.

رابىيە شىرىن جىنايەتچى بىلەن تىركىشىشتىن كېيىن قىزنى ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، مەست باسقۇنچىنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالغان ۋە ئۇنى تۇتۇپ ساقچىغا تاپشۇرغان.

كىملىكى ئاشكارىلانمىغان 30 ياشلىق باسقۇنچى نازارەتكە ئېلىنغان. ۋەقە جەنۇبىي كورېيە تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان.

جەنۇبىي كورېيەلىكلەرمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا ۋەقەگە ئالاقىدار سىنلارنى بەس بەستە ھەمبەھىرلىگەن ۋە رابىيە شىرىننىڭ جەنۇبىي كورىيەدە بىر چەت ئەللىك ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيەنىڭ سېئۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەرسىن ئەرچىن، رابىيە شىرىننى ئەلچىخانىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۈلگىلىك ھەرىكىتىنى ئالاھىدە مەدھىيەلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر