شەنتوپ ئۇكرائىنا زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ بۈگۈن ئۇكرائىناغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ تاتۋان ناھىيەسىدە 11 ئەسكەر شېھىت بولۇپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسى تۈپەيلى كېچىكتۈردى.

1595671
شەنتوپ ئۇكرائىنا زىيارىتىنى كېچىكتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، ھەمراھلىقىدىكى پارلامېنت ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن، بۈگۈن ئۇكرائىناغا يېتىپ باراتتى.

شەنتوپ، ئۇكرائىنا زىيارىتىنى، بىتلىس ۋىلايىتىنىڭ تاتۋان ناھىيەسى يۈز بەرگەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان قازاسىدا شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، باشقا ۋاقىتقا كېچىكتۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر