«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 5 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1595584
«‹ فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھۇزۇر ۋە ئامانلىق مۇھىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن ‹فىرات قالقىنى› ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 5 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر