تۈركىيەدە بۈگۈن 68يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن68كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1595342
تۈركىيەدە بۈگۈن 68يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن68كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى28مىڭ 839غا يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 137مىڭ.885كىشىنىڭ685نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 11مىڭ322گە يەتتى.

داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان7مىڭ873كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 601مىڭ137گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر