بىتلىستا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1595305
بىتلىستا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ھەربىي تىك ئۇچارنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، بىنگۆلدىن ئۇچقان «جوۋگار» (Cougar) تىپلىق تىك ئۇچار بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئەنقەرە ۋاقتى 14 تىن 25 منۇت ئۆتكەندە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، مېتېرولوگىيەلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تىك ئۇچارنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقى ۋە تىك ئۇچاردىكى توققۇز ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا، شېھىت بولغان ئەسكەر سانىنىڭ 11 گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، يارىلانغان ئۈچ ئەسكەر دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان ۋە بالنىستقا ئېلىنغان.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار، ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ياشار گۈلەر ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى ئۈمىت دۈندارنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن رايونغا يېتىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر