تۈركىيەدە بۈگۈن 74يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن74كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1591610
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن74كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى28مىڭ 432گە يەتتى.
بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 128مىڭ.387كىشىنىڭ649نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.
كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 9مىڭ205كە يەتتى.
داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان10مىڭ282كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى2مىليون 556مىڭ785كە يەتتى.